700 مىليارت دوللارلىق ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىنى ماقۇللىغانلىقى، دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن قارشى ئېلىندى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.10.04
2008.10.04
نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر پىلاننى قوبۇل قىلغانلىقىنى، مەسئۇلىيەتچان ۋە كېرەكلىك بىر ھەرىكەت دەپ كۆرسەتتى.
جورج بۇش ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن فرانسىيە سودا مىنسىتىرى كرىستيان لاگاردى، "بۇ قوبۇل قىلىنىشقا تېگىشلىك بىر تەدبىر ئىدى" دېگەن.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى باروسا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۆرسەتتى" دېدى.
ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى قۇتقۇزۇش پىلانىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باياناتچىسى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تۇراقلاشتۇرۇشتا خىتاي ۋە ئامېرىكا ئورتاق مەنپىئەتكە ئىگە دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 700 مىليارت دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانىنى جۈمە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان كەسكىن مۇنازىرىلەردىن قوبۇل قىلغان.
بۇ ئارىدا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شەنبە كۈنى دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە پارىجدا ئالىي دەرىجىلىك بىر يىغىن باشلىدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي ياۋرۇپا ئىتتىپاقى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا مەۋجۇت كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن جىددى تەدبىر ئېلىشى كېرەك دەپ كۆرسەتتى.









