ئامېرىكا، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە خەلقئارا بانكا دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا يىغىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ھېسابلانغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا بانكا ۋە ئىقتسادىي تەشكىلاتلار دۇنيادىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاقسارايدا ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانىسيە، ئەنگىلىيە ئىتالىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر شۇنىڭدەك ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى ھەمدە دۇنيا بانكىسى مەسئۇللىرى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋەكىللىرى، كۈنسىرى جىددىيلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىدا خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يي گاڭ باي دۆلەتلەرنى دۇنيادىكى مەۋجۇت ئىقتسادىي كرىزىسنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ شۇنىڭدەك غەرب دۆلەتلىرىنى مەۋجۇت كرىزىسنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىقتسادىي كرىزىسنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى.