700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلان ئورگىنىغا ياردەمچى مالىيە مىنىستىرى نىل قەشقىرى تەيىنلەندى

بۇش ھۆكۈمىتى كرىزىس ئىچىدىكى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن،700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانىنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا تۇتۇنغانلىقىنى ھەمدە شۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇنىي مەسلىھەت شىركەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشى، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى كرېدىت كرىزىسىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا پايچېكى بازىرىدا مۇئەييەن ئۆرلەش كۆرۈلگەن بولسا ئامېرىكا بازارلىرىدىمۇ پايچىكلار ئۆسكەن.

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ 700 مىليارد دوللارلىق قۇتقۇزۇش پىلانىنى يۈرگۈزۈشكە، ياردەمچى مالىيە مىنىستىرى نىل قەشقىرى تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ دۈشەنبە كۈنى، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ بانكىلارنىڭ قەرزىنى سېتىۋېلىش تەدبىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كۆرسەتمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەشقىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى پېنسىيىگە چىققان يەتتە نەپەر ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ مەزكۇر پىلاننى يولغا قويۇش جەريانىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە مالىيە مىنىستىرلىقىدا يەر - مۈلۈك رەنە قەرزى ۋە ئولتۇراق ئوي رەنە قەرزى قاتارلىق تۈرلەر بۇيىچە ئىش بېجىرىدىغان يەتتە تۈرلۈك خىزمەت ئۆمىكى تەشكىللەنگەن.