خىلارى كلىنتون ئىسلام كەرىموف بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى- ئۆزبېكىستان زىيارەت قىلغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىلارى كلىنتون خانىم 22- ئۆكتەبىر كۈنى تاشكەنتتە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا ئۆزبېكىستان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئىككى يېرىم سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.10.23

 ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئىككى رەھبەر ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا پۈتۈشكەن .

ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى   ئالاقىلەر تارىخى ۋە  بۈگۈنكى مۇناسىۋەتلەردىكى ئامىللار، ئافغانىستاندىكى  ۋەزىيەت ۋە  2014-يىلى ئامېرىكا  قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى  بولغۇسى مەسىلىلەر،   ئۆزبېكىستاندىكى  ئىنسان ھوقۇقلىرى بىلەن باغلىق ئەھۋال ، دىنىي ئەركىنلىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكى شۇنىڭدەك  مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مەسىلىلەر  مۇھاكىمە قىلىنغان.

تاشكەنت سەپىرىدىن ئىلگىرى  كىلىنتون خانىم تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغان ئىدى. بىراق، مۇلاھىزىچىلەر خىلارى كلىنتوننىڭ ئۆزبېكىستان سەپىرىنىڭ  ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىكى ئاساسلىق نىشان ئىكەنلىكىنى  ئىلگىرى سۈرمەكتە، تېخى يېقىندا كەرىموف بىلەن  ئوباما  تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.