كاندىلىزا رايس پاكىستاننى بومباي ھۇجۇمىغا ئائىت تەكشۈرۈشلەردە ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى

1 - دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس لوندوندا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بومباي تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە ھىندىستان دائىرىلىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.


روېيتېرس ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىنىشىچە، كاندىلىزا رايس پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ يىپ ئۇچى ۋە پاكىتلار قەيەرگە باشلىشىدىن قەتئىي نەزەر تەكشۈرۈشكە يول بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى ۋە: "مەن بۇ جەھەتتە ھەرقانداق ھۆكۈم چىقىرىشقا ئالدىرىمايمەن. ئەمما ھازىر تولۇق، مۇقەررەر ھەمدە پۈتۈنلەي ئوچۇق ئاشكارا بولىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى دەپ قارايمەن. مانا بۇ بىزنىڭ كۈتىدىغىنىمىز" دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ھىندىستانغا جايلاشقان "دېككان مۇجاھىدىن" تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى مەزكۇر ھۇجۇمنى، كەشمىر رايونىنىڭ ھىندىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پاكىستان جاسۇسلۇق ئورگانلىرى تەشكىللەپ چىققان "لەشكىرى تائىبە" تەشكىلاتى ئەزالىرى تەشكىللىگەن دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، نۆۋەتتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ياۋروپا سەپىرىنى قىسقارتىپ 3 - دېكابىر چارشەنبە كۈنى ھىندىستانغا بېرىپ، ئالدىنقى ھەپتە بومبايدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مەيدانغا چىققان ھىندىستان - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى جىددىيچىلىكنى يۇمشىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org