ئامېرىكا پورتىگالىيىنىڭ گۈەنتانامو توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قارشى ئالدى

ئامېرىكىنىڭ بىر دىپلوماتىك ئەمەلدارى، ئامېرىكا پورتىگالىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بەرگەن گۈەنتانامودىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئارالدىكى تۇتقۇنلار لاگىرىنى تاقىشىغا ياردەم قىلىش تەكلىپىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.12

ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل باش ئەلچىسى كلىنت ۋىللىئامسون، پورتىگالىيىنىڭ تەكلىپىنى گۈەنتانامودىكى دۆلىتىگە قايتالمايدىغان تۇتقۇنلارغا يېڭى ماكان تېپىشتىكى زور ئىلگىرىلەش، دەپ تەكىتلىگەن.

 گۈەنتانامو لاگىرىدا يېتىۋاتقان 250 نەپەر تۇتقۇننىڭ ئىچىدىكى17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 تەك كىشى دۆلىتىگە قايتسا بولمايدىغان كىشىلەر، دەپ قارالماقتا ۋە ئامېرىكا بۇ كىشىلەرنى جايلاشتۇرىدىغان 3 - بىر دۆلەت ئىزدىمەكتە ئىدى. پورتىگالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇئىس ئامادو ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا خەت يېزىپ، گۈەنتانامودىكى دۆلىتىگە قايتالمايدىغان تۇتقۇنلارنى ياۋروپا ئەللىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان. باش ئەلچى ۋىللىئامسون،" بىز بۇ تەكلىپنى قارشى ئالىمىز.

بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا 70 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئۇچراشقان. مەن بىر تۈركۈم دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، مەخسۇس بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم " دەيدۇ.

پورتىگالىيە تاشقى ئىشلارمىنىستىرى ئامادو ياۋروپا ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا يوللىغان مەكتۇبىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى" ئامېرىكا ھۆكۈمىتىىنىڭ گۈەنتانامو لاگىرىنى تاقىشىغا ياردەم قىلىش نىيىتى بارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئېنىق سىگنال بېرىشى كېرەك" دېگەن.

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى گۈەنتانامودىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ۋىللىئامسون بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا ئامېرىكىنىڭ پورتىگالىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارمەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن مۇزاكىرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى توغرىسىدا توختىلىشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.