ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئېلىش چېكى ئۆستۈرۈلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر جۈمە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئېلىش چېكىنى 3 ئايلىق ئۆستۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.19


ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ قەرز ئېلىش چېكىنى ئۆستۈرۈش تەلىپىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى دېموكراتلار ئارىسىدا جۈمە كۈنى ۋىرگىنىيە شتاتى ۋىليامسبېرگ ۋىلايىتىدە يېپىق شەكىلدە مۇنازىرە ئۆتكۈزۈلگەن.

مۇنازىرىدىن كېيىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان. مەزكۇر پىلان ئامېرىكا ھۆكۈمىنى تاقىلىپ قېلىش خەۋپىدىن ساقلاپ قالغان.

بۇ يېڭى پىلان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئۈچۈن ئېيتقاندا قىسقا مۇددەت بولسىمۇ، غەلىبە - نۇسرەتتىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئىككى تەرەپ ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان قەرز ئېلىش چېكىنى كۆتۈرۈش، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ چىقىمىنى قىسقارتىش قاتارلىق تەرەپلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماي كەلمەكتە ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.