ۋاشىنگتوندىكى سوتتا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىدىن پاناھلىق تىلەش ھوقۇقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بۈگۈن ۋاشىنگتوندا گۇئانتانامودا قامالغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سوتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئارىسىدا مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسى ئۈستىدىن ئېنىق قارار ئېلىنمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.24

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋاكالەتچىلىرى سوتچى ئۇربىنا ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇۋېتىش ھۆكۈمى مەزكۇر سوتچىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇيرۇق دەپ كۆرسەتتى ۋە بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىشكە بولمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئالىدىغان باشقا بىر دۆلەت تېپىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشتى.

ئەمما، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللەت ئەپەندى، گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ، ھۆكۈمەت ئۇلارنى باشقا يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرغىچە بولغان جەرياندىمۇ يەنە تۈرمىگە مۇپتىلا قىلىنماسلىقى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سېيبىن ۋىللەت يەنە، ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى سوتچىلىرىدىن، سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىپ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە ئۈندىدى.

7 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتىدا، سوتچىسى رىچاردو ئۇربىنا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بۇيرىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىغا مەزكۇر قارار ئۇستىدىن ئەرز سۇنۇپ سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمىنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىدى.

گەرچە بۇ نۆۋەتلىك سوتتا سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمىنى كۈچە ئىگە قىلىش ۋە ياكى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەققىدە ئېنىق بىر قارار ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نۆۋەتلىك سوتتا ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ گۇئانتانامودا تۇرۇپ ئامېرىكىدىن پاناھلىق تىلەش ھوقۇقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.