ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىرى بايدېن بىلەن پېيلىن تېلېۋىزوردا مۇنازىرە ئېلىپ باردى
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.10.03
2008.10.03
مۇنازىرە تېمىسى پۇل - مۇئامىلە بازىرىدىكى كرىزىس، ھاۋا كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش، بىخەتەرلىك، ئىراق، ئافغانىستان، ئېنېرگىيە ۋە تاشقى سىياسەتكە ئائىت كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرگە چېتىلدى. مۇنازىرىدە دېموكراتلار مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى جئو بايدېن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتى مىككېيىن ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى پېيلىنلار ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت پرېزىدېنت جورج بۇش يولغا قويۇۋاتقان سىياسەت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پېيلىن بولسا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدا تەجرىبىسىز ئىكەنلىكىگە دائىر قاراشلارنى رەت قىلىپ، ئۆزى ۋە جون مىككېيننىڭ ئامېرىكىغا ھەقىقى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قېتىمقى مۇنازىرە مىسسورى شتاتىنىڭ سانت لۇئىس شەھىرىدىكى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇ قېتىمقى مۇنازىرىنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا ئانچە تونۇش بولمىغان سارا پېيلىن ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقى، چۈنكى بۇ مۇنازىرە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئىسپاتلايدىغان ئەڭ مۇھىم سورۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
سارا پېيلىن ئىران مەسىلىسىدىكى قارىشىنى ئىپادىلىگەندە دېموكراتلار پرېزىدېنت نامزاتى ئوبامانىڭ ئىران پرېزىدېنتى ئەخمەدىنجاد بىلەن شەرتسىز كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى " ساددىلىق"، "يىراقنى كۆرەرمەسلىك" ۋە " خەتەرلىك"، دەپ ھۇجۇم قىلدى. بايدېن بولسا ئوبامانى ئاقلاپ، ئۇنىڭ ئەخمەدىنىجاد بىلەن كۆرۈشىمەن، دېمىگەنلىكى، مىككېيننىڭ ئىران بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى "دىنىي ئۆلىمالار باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئەجەپلىنەرلىك،" دەپ كۆرسەتتى.
پەيشەنبە كۈنكى مۇنازىرە بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئېلىپ بارغان تۇنجى مۇنازىرە بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلامدىكى بىردىن بىر مۇنازىرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.









