ئامېرىكا پۇقرالىرى پرېزىدېنتى ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشقا باشلىدى

4 - نويابىر ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلام كۈنى، شۇنداقتىمۇ 29 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكا پۇقرالىرى قەرەلدىن بۇرۇن ئۆز پرېزىدېنت نامزاتى ئۈچۈن بىلەت تاشلىدى.

بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا ئامېرىكا پۇقرالىرى، تارىختىن بۇيان كۆرۈلمىگەن بىر قىزغىن كەيپىيات ياراتقان. 20 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئامېرىكىدىكى بەزى شىتاتلاردا ئالدىن ئاۋاز بېرىش يولغا قويۇلغان. سايلام ئەھۋالىدىن قارىغاندا ھازىرغىچە ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما كۈچلۈك ئورۇننى ساقلاپ كەلمەكتە.

بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ۋاشىنگتوندىكى بىلەت تاشلاش ئورنىدا ئوخشىمىغان ئىرق ئوخشىمىغان ياشتىكى توققۇز ئادەمنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامزات ئوباماغا بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما ھەتتا ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنى قوللاپ جورج بوشقا ئاۋاز بەرگەن مەلۇم نىسبەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ ئاۋازىغا ئېرىشمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىغا سايلىنىش ئۈچۈن نامزاتلار،سايلىغۇچىلار توپىنىڭ 538 ئاۋازىنىڭ 270 شىگە ئېرىشكەندىلا ئۇتۇپ چىقالايدۇ.

پۈتۈن دۇنيانىڭ قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلام نەتىجىسى ۋاشىنگىتون ۋاقتى 4 - نويابىر يەنى سەيشەنبە كەچ سائەت 8 دىن باشلاپ مەلۇم بولىدۇ.