ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

شىمالىي كورىيىنىڭ يېقىندا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئامېرىكا تاشىقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى روبېرت ۋود دۈشەنبە كۈنى، "شىمالىي كورىيە باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىدىغان بۇ خىل قىلىقلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك. بۇ پەقەت مەزكۇر رايوندىكى جىددىيلىك ئوتىنى ئۇلغايتىدۇ خالاس" دېدى.

ئۇ يەنە، شىمالىي كورىيە ئېلىپ بارغان يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ 2006 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەزكۇر دۆلەت ئۈستىدىن چىقارغان قارارلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە " بىز شىمالىي كورىيىگە بىرلىكتە شۇنى بىلدۈرىمىزكى، شىمالىي كورىيىنىڭ قىلمىشلىرى يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ" دېدى.

شىمالىي كورىيە ئالدىنقى ئايدا، يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.