ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىش قارارىنى توختىتىپ قويدى

20 - ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن، ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكا تۇپرىقىغا قويۇپ بېرىش قارارى ئۈستىدىن ئۆز مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويدى.

7 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى رىچاردو ئۇربىنا گۈەنتانامۇ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا دەرھال قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.ھالبۇكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەتلىك ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز يوللاپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى توسۇپ قېلىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ قارار چىقىرىپ سودىيە ئۇربىنانىڭ قارارنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان ئىدى.

2001 - يىلى جەمئىي 22 نەپەر ئۇيغۇر گۇەنتانامو تۈرمىسىگە سولانغان ئىدى، ئۇلار "دۈشمەن جەڭچىسى" ئەمەس دەپ ئاقلانغاندىن كېيىن بەش نەپىرى ئالبانىيىگە پاناھلانغان. نۆۋەتتە يەنە 17 نەپەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى يەنىلا مۇنازىرە ئۈستىدە.

ئەرزىيەت سوتى 24 - نويابىر، 17نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ قانۇن ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ ۋاكالەتچىلىرىنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىماقچى.