ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى تاجىكىستان پرېزىدېنتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال جەيمىس ماتتىس شەنبە كۈنى تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى رەھمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-31
Share

تاجىكىستان پرېزىدېنتى تاجىكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن خەۋپسىزلىك ۋە باشقا جەھەتتىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال ماتتىس تاجىكىستاننىڭ NATO نىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللىغانلىقىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ تاجىكىستاننىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئىزچىل ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېنېرال ماتتىس يازما باياناتىدا: بۇ خىلىدىكى ھەمكارلىق بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ ھەمدە 2014 - يىلى خەلقئارالىق بىرلەشمە ئارمىيە ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ دېگەن.

تاجىكىستان 2009 - يىلى NATO قىسىملىرىنىڭ بەزى ياردەم ئەشيالىرىنى تاجىكىستان ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلغان ئىدى.

گېنېرال ماتتىس پەيشەنبە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بىلەن جۈمە كۈنى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيە 2014 - يىلى ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ، ئامېرىكا بىر قىسىم ئەسكىرى كۈچىنى ئافغانىستاندا قالدۇرۇپ قويۇشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت