ئامېرىكا تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي 18-ئىيۇن كۈنى كابۇلدا نۇتۇق سۆزلىگەندە تالىبانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتنىڭ نورمال داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.06.19

ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قانچە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 10 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كابۇلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ھەقتە توختىلىشنى رەت قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتس ئارقىدىنلا بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ تالىبان بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق ئۇ سۆزىدە مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تېخى «دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

روبېرت گېيتس س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «بىر قانچە دۆلەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالىبانلار بىلەن ئۇچراشتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىمۇ بار» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «مېنىڭ شەخسەن قارىشىمچە، كەم دېگەندە بۇ يىل قىش پەسلىدىن ئىلگىرى ھەقىقىي تىنچلىق سۆھبىتى ھەققىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولماسلىقى مۇمكىن» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى قوشۇنلىرىنى بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ، تۈركۈملەرگە بۆلۈپ چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپ 2014-يىلى، ئافغانىستاندىكى بارلىق ئامانلىق قوغداش خىزمىتى ئافغانىستان ئامانلىق ساقلاش قىسىملىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتقا قايتىپ كېلىشى ھۆكۈمەتكە قاتنىشىشى مەسىلىسى ئافغانىستان رەھبىرى ھامىد كارزاي تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق تالىبانلار ھامىد كارزاي بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.