ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ئۇرۇشچى رادار سودىسى توختامى كېلەر ئايدا ئىمزالىنىدۇ

ئامېرىكا ئۆتكەن يىل سىنتەبىردە، تەيۋەننىڭ بىر قىسىم كونىرىغان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يېڭىلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرسە، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.06.25


فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر قورال سودىسىنىڭ توختامى كېلەر ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن ئاۋۋال ئىمزالىنىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى قورال سودىسىنىڭ قىممىتى 600 مىليون دوللارغا يېقىن بولۇپ، سېتىپ بېرىلىدىغان ئەسلىھەلەر ئارىسىدا ئۇرۇشچى رادار دەپ ئاتىلىدىدىغان ئالاھىدە كۆزىتىش ئاپاراتىمۇ بار. بۇ قېتىمقى قورال سودىسىدىن كېيىن تەيۋەننىڭ F - 16 A/B تىپلىق ئۇرۇشچى ئايروپلانلىرى F - 16 C/Ds تىپلىق ئىلغار ئۇرۇشچى ئايروپىلانلارغا ئالماشتۇرىلىدۇ.

تەيۋەن مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. ئەمما، تەيۋەن ھاۋا ئارمىيە قىسىمىنىڭ بىر ئەمەلدارى، قورال سودىسى ھەققىدە ۋاشىنگىتوندىن جاۋاب كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ تۈرى ۋە باھاسىغا قاراپ چىقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.