تەيۋەن پۇقرالىرى ئامېرىكىغا ۋىزىسىز كىرىشكە باشلىدى

تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا ۋىزىسىز كىرىشىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان كېلىشىم پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

يەنى، بۈگۈندىن ئېتىبارەن جۇڭخۇا مىنگو پاسپورتىغا ئىگە ھەرقانداق بىر تەيۋەن پۇقراسى ئامېرىكىغا ساياھەت ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىزىسىز كىرىپ چىقالايدۇ. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەيۋەننىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋىزا تەلەپ قىلمايدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بىر قاتار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان.

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەيۋەن پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئەركىن كىرىپ چىقىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن قانۇن مەھكىمىسى باشلىقى ۋاڭ جىڭپىڭنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاسى بولسا قىزىقارلىق.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ۋاڭ جىڭپىڭ سۆزىدە تەيۋەن بىلەن خىتاينى سېلىشتۇرما قىلىپ «جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى 170 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاران 20 نەچچىسىگىلا جۇڭگوغا ۋىزىسز كىرىش ئىمتىيازى بەرگەن. ئەمما تەيۋەننىڭ ئاران 23 دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىنىغا قارىماي، جەمئىي 129 دۆلەت تەيۋەنگە ۋىزىنى بىكار قىلغان» دېگەن.

ئۇ تەيۋەننىڭ ئامېرىكا ۋىزىنى بىكار قىلغان 37-دۆلەتلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنى ھەم ما يىڭجۇنىڭ دىپلوماتىك غەلىبىسى ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەيۋەن خەلقىنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلىش روھى ۋە ساپاسىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، دېگەن.