ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى خۇشال - خورام باشلىدى
نامازدىن كېيىن، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا ۋە خىزمەت كۈنى بولۇشىغا قارىماي بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىققا بېرىپ دۇئا قىلىشتى، يەنە بىر قىسىمى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن مال سويۇش مەيدانلىرىغا مېڭىشتى. يەنە بەزىلىرى ۋەتىنىدىكى ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا تېلېفون ئېچىپ ھېيتىنى مۇبارەكلەشتى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ھېيت - بايراملىرىنى توپلىشىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. ئەر - ئايال ۋە بالىلار سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تەنتەنە قىلىدۇ، ھەر تۈرلۈك مىزىلىك تائاملارنى پىشۇرۇپ كېلىپ ئېغىز تېگىدۇ.
بۇ قېتىمقى قۇربان ھېيت خىزمەت كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بىر - بىرىنى يوقلاپ ھېيتلىدى ھەمدە بالىلارغا ھېيتلىق بەردى.