ئامېرىكا خىتايدىكى بىر قىسىم كارخانا ۋە شەخسلەرنى جازالىدى

ئامېرىكا خىتايدىكى بىر قىسىم كارخانا ۋە شەخسلەرنى جازالىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي كارخانىلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.02.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، بۇ كارخانا ۋە شەخسلەر ئىران بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى ساھەسىدە ھەمكارلاشقان ۋە ئىراننى كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن.

تىزىملىكتە داليەن ساننى سانائەت شىركىتى، پولى تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق جەمئىي 4 شېركەت-كارخانا بار ۋە بۇ ئورۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بار. ئامېرىكا باياناتىدا ئىراننىڭ قايسى تۈردىكى چەكلەنگەن لازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى ئېنىق تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كارخانىلار بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى چەكلەش، خىمىيىلىك قوراللارنى باشقۇرۇش، يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا نۇرغۇن خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جازالىنىدىغان بۇ خىتاي كارخانىلىرى بىلەن ئامېرىكا بۇندىن كېيىن ھېچقانداق سودا ۋە تېخنىكا ئالاقىسى قىلمايدىكەن ھەم بۇ شىركەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ قوراللىرى ۋە ھەربىي جابدۇقلىرىنى سېتىۋېلىشىغا يول قويمايدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بۇ قارارغا قارشى چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى ئاساسسىز دېدى ۋە خىتاي كارخانىلىرىغا قويۇلغان بۇ جازا تەدبىرىنى دەرھال ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.