خىتاي ئامېرىكا رەھبەرلىرىدىن دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات بېرىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىككە چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېيجىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنىڭ ئوچۇق ۋە كەسكىنلىكىنى ئىپادىلەپ: بىز دالاي لامانىڭ دۆلىتىمىزنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل زىيارەتلىرىگە قەتئىي قارشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت ۋە سىياسەتچىنىڭ دالاي لامانىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللىشىغا قارشى تۇرىمىز، دېدى.

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دىنىي پائالىيەتلەردە بولۇش ئۈچۈن سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بۇ جەرياندا دىنىي تەبلىغ سۆزلەش ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەردە بولىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئومانىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىدىغان ياكى ئۇچراشمايدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر مەلۇمات بېرىلمىدى. ئەمما سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مېرايا ئوتتېرو دالاي لامانى كۈتۈۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ تىبەتنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشتا، تىبەتنىڭ ئۆزگىچە دىنىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.