ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2008 ‏ - يىلقى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان " ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر" تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىككە زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكلاتتا " تىبەت بۇددىستلىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش دىنىي گۇرۇھلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر دىنىي ئېتىقادى، تىلى ۋە مىللى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى تۈپەيلىدىن ئىجتىمائىي كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا"، دەپ ئەسكەرتكەن.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى كونكرېت دىنىي دىلولار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسى ئۈستۈنكى قۇمئېرىقتىكى بىر مەسچىتنىڭ قانۇنسىز سېلىنغانلىقى ۋە رۇخسەتسىز ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى تۈپەيلى چېقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج ئىبادىتىگە چەكلىمە قويۇلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دوكلاتتا 2007 ‏ - يىلى ھەج قىلغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ سانى جىددى ئازلىغانلىقى، 2007‏ - يىلى ھەج قىلغان ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ 2006 ‏ - يىلقىدىن 3100 كىشى ئازايغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ دىنىي تەلىم ‏ - تەربىيە ئېلىشىنى، ئاياللار، بالىلار، پارتىيە ئەزالىرى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى 1999 ‏ - يىلدىن بېرى ھەر يىلى بىر قېتىم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ كەلمەكتە.