ئامېرىكا، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشىدە

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرە كۈنىدىن بۇرۇن، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.12.11

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شون مىككورماك بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا چارشەنبە كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراش، سوراق قىلىنىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچرىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە تۇيماقتا. بولۇپمۇ بىز دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۆكتىچى پىكىردىكى يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ ئەھۋالىدىن پەۋقۇلئاددە ئەنسىرەۋاتىمىز.

شون مىككورماك يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ،"بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشكە شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئەركىنلىك ئاساسىدا ئۆز پىكىرىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن خىتاي پۇقرالىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز،" دەيدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي ساقچىلىرى دۈشەنبە كۈنى 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبونى تۇتۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ساقچىلار گۇيجۇدا دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمى ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن چېن شى بىلەن شېن يوليەننى قولغا ئالغان ئىدى.

ليۇ شاۋبو قولغا ئېلىنىشتىن بۇرۇن خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىنى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدىغان چاقىرىقنامىغا ئىمزا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.