ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىش بېجىرىش ئورنى خىتايدا ئىش باشلايدۇ

ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدىن ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىتايدا 3 ئورۇندا ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ئىش بېجىرىش ئورنى بۇ ھەپتە خىتايدا رەسىمىي ئىش باشلايدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.11.17

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا سەھىيە ۋە يېمەك - ئىچمەك سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ خىتايدا بۇ خىلىدىكى ئىشخانىنى تەسىس قىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالغان ئامېرىكا سەھىيە ۋە ساغلاملىق مىنىستىرلىقى مىنىستىرى مايىك لىۋىت، بۇنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىستىمالچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دورا - دەرمەك ۋە يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىتايدا ئاچىدىغان ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ بىرىنچى ئىشخانىسى، 19 - نويابىر چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئىش باشلايدىغان بولۇپ، ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا سەھىيە ۋە سالامەتلىك مىنىستىرلىقى مىنىستىرى مايىك لىۋىت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملار قاتنىشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە، خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىرىدە ئىككى تارماق ئىشخانا ئاچىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئىشخانىلارغا 13 نەپەر ئامېرىكا خادىمى ئەۋەتىلىدىكەن.

 ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئىشلەنگەن ھايۋاناتلار يېمەكلىرى ئامېرىكىدا نۇرغۇن ئەرمەك ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن،خىتايدىن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بولۇپمۇ يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى دۇنيا خاراكتېرلىك ئاگاھ بولۇش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.