ئامېرىكا، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺕ
2008-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماككورمېك سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن " بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى بىلىمىز. لېكىن بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بۇنداق بىر پەيتتە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇش چۈشەنچىسىىز ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ."

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەردىن ناھايىتى خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ماككورمېك، " ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلىدىغان مەھبۇسلارنىڭ ھېچقانداق شەكلىدە ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك" دېدى.

گېرمانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان باراك ئوبامانىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىنى تاقاش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسىمىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان ئىدى.

گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى تېررورچى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزاسى دەپ كۆرسەتكەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشىغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت