بىر ئامېرىكىلىق خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا مۇھاپىزەتچى بولۇپ ئىشلىگەن توختاملىق ئىشچى برايىن ئاندېرۋۇد خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.09.29

برايىن نۆۋەتتە خىتاينى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت مەخپىيەتلىكلەر ۋە بىر قىسىم سۈرەتلەر بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. ئەمما ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇنىڭ خىتايدىكى قايسى كونسۇلخانىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرايىننىڭ خىتايدا ئۆزى ئىشلىگەن كونسۇلخانىنىڭ رەسىمىنى تارتىشى ئامېرىكا فېدىرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى فبى نىڭ گۇمانىنى قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇ بىر قانچە قېتىم سوراققا تارتىلغان بولسىمۇ، ئىسپات يېتەرسىز بولغانلىقتىن قويۇۋېتىلگەن.

ئەمما ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىق گۇمانىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ بېرىدىغان بەزى ئىسپاتلار قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ خىتاينىڭ بەزى مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى بىلەن جاسۇسلۇق قىلىش تەكلىپىگە قىزىقىدىغانلىقى ھەققىدە يېزىشقان خەتلىرىمۇ بار ئىكەن.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن برايىن ئاندېرۋۇد شەنبە كۈنى لوس-ئانجېلىستا قولغا ئېلىنغان، ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلگەن تەقدىردە، ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.