ئاقساراي گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇۋېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈنۈگۈن ئامېرىكا فېدېرال سوتىنىڭ ۋاشىنگىتون رايونلۇق مەھكىمىسى گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.10.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئاقساراي باياناتچىسى Dana Perino بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگىتون رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى. باياناتتا، ھۆكۈمنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۆچمەنلىك قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمگە قارشى ئالىي سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: "بىز سوتنىڭ ھۆكۈمى سەۋەبلىك ئەندىشە ئىچىدىمىز ۋە ھۆكۈمگە قارىتا نارازى ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز"، " ئەگەر بۇ ھۆكۈم ئىجرا قىلىنسا، نۆۋەتتە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ۋە ئامېرىكىغا قارشى قەسەم ئىچكەن بىر تۈركۈم ئامېرىكا دۈشمەنلىرىنىڭمۇ ئامېرىكىغا يەرلىشىشىگە يول ئېچىلىدۇ، بۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىتتۇر."

باياناتتا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭمۇ ئامانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى يەرلەشتۈرىدىغان 3 ‏ - بىر دۆلەتنى ئىزدەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. تۈنۈگۈن يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ Dana Rohrabacher ۋە Bill Delahunt قاتارلىق ئاۋام پالاتا ئەزالىرى سوتنىڭ قارارىنى ئەخلاقىي نۇقتىدىن توغرا بىر قارار دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا سوتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئامېرىكا دۈشمىنى ئەمەسلىكىدە ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك جەڭچىسى ئىكەنلىكىدە ئوخشاش پىكىردە، ئەمما، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈشنىڭ، ئامېرىكا مەنپەئەتىگە پايدىلىق ياكى زىيانلىق ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى ئىختىلاپ ئىچىدىدۇر.

ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۇ يەردىكى باشقا مەھبۇسلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارغا ئالاھىدە پەرقلىق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت