ئاقسۇدا ھۆكۈمەتكە قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقالدى، ئاقسۇ ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ۋە قەشقەردە ئارقىمۇ -ئارقا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقالغان، نۆۋەتتە ساقچى دائىرىلىرى ئاقسۇدا ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.08.08

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇ دائىرىلىرىنىڭ رامزان كىرىشتىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ساقال قويماسلىق، رومال ئارتماسلىق، روزا تۇتماسلىق قاتارلىق چەكلىمىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تارقىتىلغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى ئىپادىلەنگەندىن باشقا، خىتايدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىشى تەلەپ قىلىنغان، ئۇيغۇرلار بىرلىك-ئىتتىپاقلىققا چاقىرىلغان.

يەنە دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ 5-ئاۋغۇست يەنى جۈمە كۈنى كېچىدىكى تەكشۈرۈشىدە، ئاۋات ناھىيىسىدىكى 31 ياشلىق قاسىم خوجامنىياز ئىسىملىك ئۇيغۇر، ساقال قويغىنى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يېگەن ھەم ساقىلى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلگەن.

رادىئومىز ئاقسۇ ئاھالىلەر ۋە ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، دائىرىلەر تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى؛ ئاھالىلەر بولسا رامزان كىرگەندىن بۇيان ئاقسۇ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىملىك تەكشۈرۈشىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.