ئاقسۇ ۋىلايىتى بايرامدا 'ئۈچ خىل كۈچلەر' گە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى

ئۆتكەن ھەپتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى بۇ يىللىق ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭدا يەنە "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2008.12.15

ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى قۇربان ھېيت، يېڭى يىل ۋە چاغان مەزگىلدىكى مۇقىملىقنى قوغداشتا "چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 'ئۈچ خىل كۈچلەر' گە قاتتىق زەربە بېرىش، يۇقىرى بېسىم بىلەن باستۇرۇش ۋە بىخ ھالىتىدە يوقىتىش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش" قاتارلىق تەپسىلىي كۆرسەتمىلىرىنى بەرگەن.

ئورۇنلاشتۇرۇشتا يەنە، ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى ئامانلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئايلىنىپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئاسان ئوت ئالىدىغان ۋە پارتلايدىغان نەرسىلەرنى قاچىلاش، توشۇش ۋە ئامبارلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قىلچە سەۋەنلىك سادىر قىلماسلىق قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھېيت - بايرام مەزگىلىدىكى ئامانلىقنى قوغداشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتايلارنىڭ بۇ خىل سىياسىتى تۈپەيلى، ھەر يىلى مۇشۇ مەزگىلدە سانسىز ئۇيغۇرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ھەر خىل دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەمدە ھېچ سەۋەبسىز تۈرمىلەرگە مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتايلارنىڭ بۇ خىل سىياسىتىنى بىر "ئۆكتەملىك" دەپ سۈپەتلىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.