ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ماي تۇڭى پارتلاپ 6 ئادەم يارىلانغان ۋە 3 ئادەم ئۆلگەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ماي تۇڭى پارتلاپ 6 ئادەم كۆيۈپ يارىلانغان ۋە 3 ئادەم ئۆلگەن. تەڭرىتاغ تورىدا كۆرسىتىشىچە، پارتلاش 26 - مارت ئەتىگەندە ئاقسۇ شەھىرىگە جايلاشقان يى خەي ئاشلىق - ماي شىركىتىدە يۈز بەرگەن. كۆيۈپ يارىلانغان 6 كىشى دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-03-27
Share

پارتلىغان تۇڭنىڭ ئايلانمىسى 3 - 4 مېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، تۇڭغا كىسلاتا قاچىلانغان ئىكەن. پارتلاشتا كىسلاتا تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ شىددەتلىك كويۇش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە تۇيۇقسىز ئوت كېتىش، پارتلاش قاتارلىق ۋەقەلەر سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە باغلاپ كەلمەكتە ئىدى.

ھالبۇكى، ھازىرچە ئاقسۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتىلاشنىڭ سەۋەبلىرى ئېنىق ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى مەزكۇر پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت