ئاقسۇ دائىرىلىرى بۇ قىشتا دېھقانلارنى بىكار قويمىدى

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نويابىردىن باشلاپ ۋىلايەت تەۋەلىكىدىكى بىڭتۇەندىن باشقا ناھىيىلەردە دېھقانلارنىڭ قىشلىق ئارام ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ،بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئىدېئولوگىيە ساھەسى بۇيىچە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، بىر تەرەپتىن دېھقانلارنى ھەر خىل باھانىلاردا ھاشارغا ئورۇنلاشتۇرماقتا ئىكەن.


ئاۋات ناھىيىسىدە 3250 دېھقان 6000 مىڭ گېكتار كېۋەزلىككە تېمىتىپ سۇغۇرۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەقسىز ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىكەن.

دائىرىلەر ھاشارغا تۇتۇلغان بۇ دېھقانلارنىڭ مەزكۈر ئەمگەك ۋەزىپىسىنى قىش كىرىشتىن بۇرۇن تاماملاشقا بۇيرىغان. ئاقسۇدا نۆۋەتتە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى خېلى سوغۇق بولۇپ، ھاشارغا تۇتۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلار پەقەت كەتمەن، گۈرجەك قاتارلىق ئاددى ئەمگەك قوراللىرى بىلەن ئېرىق كولاش، توپا توشۇشقا ئوخشاش ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى 2004 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشانى پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان، ھەقسىز،مەجبۇرىي ئەمگەك بولغان ھاشا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org