كىرىستوفېر سىمىت قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئارزۇگۇل ۋەقەسىنى داۋاملىق كۆزىتىدۇ

كىرىستوفېر سىمىت، جىئو پېتتس قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۈگۈن يەنە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قورسىقىدىكى ھامىلىنى ئالدۇرۇشقا مەجبۇرلانغان ئۇيغۇر ئايال ئارزۇگۇل ۋەقەسىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.11.19

ئۇلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىنى توختىتىش ۋە خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇس فوند پروگراممىلىرىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قوللىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى.

كىرىستوفېر سىمىت قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە، خىتايدا ئارزۇگۈلدەك ئاياللارنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گۆرگە كۆمۈۋېتىلىشىگە ۋە ھامىلىنى ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئانىلارنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا قارشى داۋاملىق كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىرىستوفېر سىمىت قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، ئارزۇگۈلنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى جاۋ ۋېنجۇڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى كىلارك راند بىلەن بىۋاستە سۆزلەشكەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.