ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى بىكار قىلىندى

غۇلجىدا مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىنىش ئالدىدىكى ئارزۇگۈل تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مۇخبىرىمىز يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە بولدى، ئارزۇگۈل، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىلى ئوبلاستلىق ئانا ‏ - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن ئۆيىگە يېنىپ چىققان.

خەلقئارا بېسىمنىڭ تەسىرى بىلەن سەيشەنبە كۈنى ئىلى پىلانلىق تۇغۇت ھەم ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارزۇگۈلنى قويۇۋېتىش قارارىنى ئالغان.

ئەسلىدە ئىككى كۈن ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى ئارزۇگۈلنى مۈكۈنگەن جايىدىن تۇتۇپ مەجبۇرىي ھالدا مەزكۈر دوختۇرخانىغا بەنت قىلغان ئىدى. شۇنداقلا دائىرىلەر ئۇنىڭغا دۈشەنبە كۈنى بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

مەزكۈر ۋەقەگە ساقچىلارمۇ ئارىلاشقان بولۇپ، ھەتتا بالا چۈشۈرۈش ئوپىراتسىيە رەسمىيىتىگە ئارزۇگۈلنىڭ يولدىشى نۇرمەمەت بىلەن دادىسى تۇرسۇنجان ھەسەننى مەجبۇرىي قول قويدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان،27 ياشلىق ئارزۇگۈل تۇرسۇن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ،ئۈچىنچى بالىسىغا ھامىلدار بولغانغا ئالتە ئاي ئۈچ ھەپتە بولغان ئىدى. ئارزۇگۈل بۇ بالىسىنى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداشقا تەۋەككۈل قىلىپ ، ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدىمۇ بىر قېتىم قېچىپ يۇرتىدىن غايىپ بولغان، ئەمما ئاتا - ئانىسى قىيىن - قىستاققا ئېلىنغاندىن كېيىن، قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولۇپ، پىلانلىق تۇغۇت خادىملىرىنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىشىغا كۆنگەن.

بۇ جەرياندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىدىن غەيرەتكە كەلگەن ئارزۇگۈل، يەكشەنبە كۈنى كەچتە دوختۇرخانىدىن يەنە بىر قېتىم قېچىپ يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئەتىسى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ قايتا دوختۇرخانىغا ئېلىنغان ئىدى.

بۇ ياش ئانىنىڭ ھامىلىسىنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى پىداكارلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تەسىرلەندۈرگەن بىر ۋەقەگە ئايلىنىپ،ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلاندى. خەلقئارا جەمئىيەت ئارزۇگۈل ھەمدە ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىش ئالدىدىكى بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق تۈردە يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشمەكتە.