ب د ت : ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2010- يىلى 12- ئاي مەزگىلىدە دۇنيادا ئاشلىق باھاسى ئۆرلەپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-01-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپىيىپ، بۇغداي، قوناق ھەم باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى 11% ئەتراپىدا ئاشقانلىقى ئۈچۈن، 2011-يىلى ئاشلىق باھاسىدا تەخمىنەن 20% ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق-دېھقانچىلىق كومىتېتى بۇلتۇر 11-ئاي مەزگىلىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتمىغاندا 2011-يىلى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئاشلىق يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقى يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت