ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

22 - نويابىر كۈنى پېرۇنىڭ لىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۈچ ئەركىنلىك پىكرىنى يەنى "ئەركىن بازار، ئەركىن سودا ۋە ئەركىن خەلق" پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر ئۈچ نۇقتىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.23

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا نۆۋەتتىكى پۇل - مۇئامىلە كرىزىسى، سودا - ئىقتىساد ھەمكارلىقلىرى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئاخىرىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىندى. پرېزىدېنت بۇش يىغىن جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروفنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇش بىلەن مېدۋېدېۋ ئىككى دۆلەتنىڭ بەزى ئىختىلاپلارنى دەپ ئۆزارا زىتلىشىپ قالماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئورتاق مەنپەئەتلىرى مەسىلىسىدە، جۈملىدىن ئىران يادرو كرىزىسى مەسىلىسى، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى مەسىلىسى ۋە باشقىلاردا ھەمكارلىشىشقا رازىلىق بىلدۈرۈشكەن.
 
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان سوغۇقلىشىپ قالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورنىتىش پىلانى رۇسىيىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرگەن ۋە بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى سوغۇقلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى.

مېدۋېدېۋ ئۆتكەن ھەپتىدە ۋاشىنگتونغا 20 دۆلەت يىغىنىغا كەلگەندىمۇ مەخسۇس رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە توختىلىپ، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
 
بۇ قېتىمقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىم چەتئەلگە چىقىپ خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.