فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دېموكراتى رىچارد دېربىن چارشەنبە كۈنى«بەيدۇ» تورىنىڭ باشلىقى لى غا يوللىغان ئوچۇق خېتىدە «بەيدۇ»نىڭ مىليونلىغان خىتاي خەلقىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان بىر ئىزدەش ماتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن : ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقى بولغان كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش بەيدۇ شىركىتىنىڭ ئەخلاقىي بۇرچى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ۋە ئۆكتىچىلەرنى تەقىب قىلىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى كونتروللۇقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، ئوخشىمىغان پىكىرلىكلەر ئۈستىدىكى تەقىبلەشنى ئاشۇرغان. بۇ خىل ئەھۋال خەلقئارا جامائەتنىڭ بىردەك دىققىتىنى تارتىۋاتقان ئىدى.
رىچارد دۇربېن سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ يېقىندىكى خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە «بەيدۇ» تورىنى ئىشلىتىپ كۆرگەنلىكىنى ۋە نەتىجىدە نۇرغۇن تازىلاشلاردىن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتىپ، «بەيدۇ تورى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، تازىلاش ئېلىپ بارىدىكەن. مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندىم، ئەمما ھەيران قالمىدىم» دېگەن.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى رىچارد دۇربېن يەنە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەكچى بولغان تېخنىكا شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىش قىلغان تەقدىردە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالىنىشىنى ۋە تىجارىتىنىڭ توختىتىدىغان بىر قانۇن لايىھىسىنى پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.