گۇگۇل يېڭىدىن قوللىنىشقا باشلىغان ئاۋاز تېخنىكىسى مىسىرنىڭ ئىنتېرنېت توسمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتتى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇگۇل يېقىندا خېرىدارلىرىنى ئىنتېرنېتقا كىرمەيلا تېلېفون ئارقىلىق تۈۋىتېر، فايسبۇك دېگەن تور بەتلىرىدە ئاۋاز قالدۇرغىلى بولىدىغان ۋە بۇنداق تور بەتلىرىدە قالدۇرۇلغان ئاۋاز ئاپتوماتىك ھالدا يېزىققا ئاينىپ ساقلىنىپ قالىدىغان بىرخىل يېڭى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان ئىدى.

گۇگۇل يېڭىدىن قوللانغان بۇ خىل ئاۋاز تېخنىكىسى مىسىرنىڭ ئىنتېرنېت توسمىلىرىنى بۇزۇپ ئۆتۈپ كەتتى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇگۇل ھازىر مىسىردا رىقابەتتىكى ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر ھەممە تەرەپنى، ئۆزىنىڭ قارىمۇ-قارشى تەرىپىدىكى ئۇچۇرلارغا بىمالال ئىگە قىلىدىغان تېخنىكا بىلەن تەمىنلىمەكتە.