ئاۋسترالىيىدە 70 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سايلامدا مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پارتىيە چىقمىدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن كامبېرادىن خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيىدە 70 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سايلامدا مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پارتىيە چىقمىغان ۋەزىيەت پەيدا بولدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.08.22

ئاۋسترالىيىدە داۋاملىشىۋاتقان باش مىنىستىر سايلىمىنىڭ تۈنۈگۈنكى نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئەمگەك پارتىيىسىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى جۇلىيا گىللارد خانىم بىلەن لىبېراللار پارتىيىسىنىڭ باش مىنىستىرى كاندىداتى تونى ئاببوتنىڭ ھېچقايسى پارلامېنتتىكى 150 ئورۇننىڭ 76 سىگە ئېرىشەلمىدى، يەنى ھۆكۈمەت تەشكىللەش سالاھىتىگە ئىگە بولالمىدى.

خەۋەر ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ تەڭ ھوقۇق تۇتۇش ھەققىدىكى سۆھبىتىدىنمۇ ئۈنۈم ھاسىل بولمىدى. بۇ ئىككى پارتىيە ھازىر بىتەرەپ پارتىيىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.