ئامېرىكىلىق باي ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلدى

خەلقئارالىق ئالەم بوشلۇقى سەپىرىگە بولغان قىزىقىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بايلارنىڭمۇ ئالەم كېمىلىرىگە ئولتۇرۇپ، ئالەم بوشلۇقىنى زىيارەت قىلىش ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشماقتا.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.12

رۇسىيە ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا ساھەسى دۇنياغا بۇ خىل تىجارەت مۇلازىمىتىنى قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان بۇ سەپەرگە ئامېرىكىلىق كومپيۇتېر ئويۇنلىرى تېخنىكىسى سودىگىرى رىچارد گارىئوئۇت ئاتلانغان.

10 - ئاينىڭ 12 - كۇئى رىچارد گارىئوئۇت رۇسىيىنىڭ " سويۇز تما - 13 نومۇر " ناملىق ئالەم كېمىسىدە ئولتۇرۇپ، قازاقىستاننىڭ بايقانۇر ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا مەركىزىدىن ئۇچقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىچارد گارىئوئۇت بۇ سەپەر ئۈچۈن رۇسىيىگە 30 مىليون دوللار ھەق تۆلىگەن بولۇپ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىدا ئون كۈن تۇرۇشنى پىلانلىغان ھەمدە 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى باشقا ئىككى نەپەر رۇس تەكشۈرگۈچى ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن بىرلىكتە يەر شارىغا قايتىپ كەلمەكچى ئىكەن.

 رىچارد گارىئوئۇتنىڭ دادىسىمۇ ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭدىكى بۇ خىل قىزغىنلىقنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىن كېلىپ چىققان رىچارد گارىئوئۇتنىڭ بۇ قېتىملىق ئالەم بوشلۇقى سەپىرى ئالەم بوشلۇقى ساھەسىگە قىزىققۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان.

"سويۇز تما - 13 " ناملىق ئالەم كېمىسىدە رۇسىيىلىك ۋە ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچىلاردىن يۇرى لونچاكوۋ بىلەن ئامېرىكىلىق مايكېل فىنسكىمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ئالەم بوشلۇقىدا ئالتە ئاي تۇرۇشنى پىلانلىغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.