خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسىگە مۇناسىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ يىللىق يېڭى دوكلاتىدا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كىشىلەر كۈتكەن يەردىن چىقالمىغانلىقىنى ۋە كېڭەشنىڭ ۋەزىپىسىگە مۇناسىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيىدىكى قان تۆكۈلۈشكە خاتىمە بېرىشتە مەغلۇپ بولغانلىقى، خىتاي ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن كېڭەشنىڭ دۇنياۋى تىنچلىقىنى قوغدىغۇچىلىق ئورنىغا داغ چۈشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش كاتىپى سالىل شەتتي، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە : ئەگەر ئۇلار ئىش قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتمىسە، مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا قويۇلىدىغان سوئاللار كۈچىيىدۇ.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە سۈرىيىگە قارىتا ھەرىكەت قوللىنىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى.