ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، يىغىندا نۇتۇق سۆزلەيدىغان جورج بۇش يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولىدىكەن.
ئابدۇللا، چارشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۈر يىغىنىدا سۆز قىلىپ، يەر شارى مىقياسى بۇيىچە تېررورلۇققا زەربە بېرىشنى، تېنچلىق ھەمدە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۈس قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە تېررورلۇق بىلەن جىنايەتنىڭ، تار مەھكىمىچىلىكتىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىندا سۆز قىلغان ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى Peres، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھ ئابدۇللا بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىقى ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
Peres يەنە" پادىشاھ ئابدۇللانىڭ ئۈمىد ئۇرغۇپ تۇرغان سۆزلىرىنىڭ، چوقۇم پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئاۋازىغا ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن " دېگەن.
