ب د ت يەرلىك خەلقنىڭ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى

ب د ت ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك ئورگىنى كۆرسەتمە ماقۇللاپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېچىش پائالىيەتلىرىدە يەرلىك خەلقنىڭ قانۇنلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر كۆرسەتمە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا 3 يىل تالاش-تارتىش قىلىنىپ، جۈمە كۈنى ماقۇللانغان.

ب د ت ئاشلىق-يېزا ئىگىلىك ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ، مەزكۇر كۆرسەتمىنىڭ مەقسىتى ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئالغا سۈرۈش، يەردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش، بېلىقچىلىق، ئورگان ۋە مىليونلىغان نامرات خەلقنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، دەپ كۆرسەتكەن.

ب د ت نىڭ 40 بەتلىك كۆرسەتمىسىدە يەنە، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى «تەھدىت ۋە خىلاپ قىلمىشلارغا قارشى قانۇنلۇق ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداش»، بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپلارنى «ئۈنۈملۈك ۋە قوبۇل قىلارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ھەل قىلىش» قا چاقىرغان.

مەزكۇر كۆرسەتمە دەل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاينى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك خەلقنى ئۆي ماكانلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆي-ماكان، تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئورمان، ئاق يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرى ۋە كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مەزگىلدە قوبۇل قىلىنغان.

كۆرسەتمىدە يەنە، غەيرىي دۆلەت ئېلېمېنتلىرىنىڭ جۈملىدىن، كارخانىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەتلەرنى يەر-زېمىن توختاملىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، يەرلىك خەلقنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشقا ۋە ئاياللارنىڭ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان.