يىغىن قاتناشچىلىرى 20-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
يىغىننىڭ 14-سېنتەبىردىكى ئومۇمىي يىغىنىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ھەيئىتى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىش بېجىرگۈچىسى مىشېئال فىلىپىس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، "5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە، شۇنداقلا خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىم ۋە ئادەملەرنى خالىغانچە تۇتۇپ-قاماش قىلمىشى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلىپ "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" نىڭ "تېررورلۇق ھەرىكەت" ئىكەنلىكىنى خىتاي ئازسانلىق مىللەت سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يىغىن قاتناشچىلىرى ئۆز بايانلىرىدا خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ باستۇرۇلۇشنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا چاقىرغان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
10 سېنتەبىر باشلىنىپ، 28-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا ب د ت دا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
