ب د ت بالىلار فوندى خىتاينى بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى سەتچىلىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى

ب د ت نىڭ بالىلار فوندى تەشكىلاتى UNICER جۈمە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مېلامىن ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت پاراشۇكىنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر 4 بوۋاقنىڭ ئۆلۈشى، ئاز دېگەندە 6000 بوۋاقنىڭ بۆرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىشىغا سەۋەبچى بولغان بوۋاقلار سۈت پاراشۇكى سەتچىلىكى ئۈستىدىن تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ب د ت بالىلار فوندى تەشكىلاتىنىڭ سەھىيە ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پېتېر سالاما " بىز دائىرىلەرنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

سالاما ب د ت بالىلار فوندى تەشكىلاتىنىڭ دائىم بوۋاقلارنى دەسلەپكى 6 ئايدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقى، چۈنكى " بۇ ئوزۇقلىنىشنىڭ ئەڭ بىخەتەر يولى" ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بولسا نېمە ئۈچۈن ۋەقەنىڭ ۋاقتىدا ئاشكارىلانمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەكتە. دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى نېمە ئۈچۈن ۋەقەنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا بىرقانچە ئاي كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە چاقىرغان.

خىتاي سۈت مەھسۇلاتلار سانائىتىدىكى سەتچىلىك ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ھۇشيارلىقىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈنى خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرىدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي سۈت مەھسۇلاتلار سانائىتىدىكى سەتچىلىكنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە.

جۈمە كۈنى خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى مېڭنيۇ سۈت مەھسۇلاتلار گۇرۇھى ۋە ئىچكى موڭغۇلدىكى يىلى سانائەت گۇرۇھى ئىشلەپچىقارغان سۈتتە مېلامىن بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە مېلامىن ئارىلاشتۇرۇلغان سۈت پاراشۇكىنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن 4 نەپەر بوۋاقنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە بىمار بالىلارنىڭ ئومۇمى سانىنىڭ 6200 گە يېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.