ب د ت جامائەت - ئۇد داۋانى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن

ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1267 نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، پاكىستاننى بازا قىلغان جامائەت - ئۇد داۋا تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ 4 نەپەر رەھبىرىنى تېررورچى تەشكىلات ۋە شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار چىقارغان شۇ كۈنى پاكىستان ھۆكۈمىتى ئەگەر ب د ت جامائەت - ئۇد داۋانى تېررورچى تەشكىلات، دەپ ئېلان قىلسا ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا جامائەت - ئۇد داۋانى لەشكىرى تائىبئەنىڭ ئىتتىپاقداش ئورگانى، دەپ تەرىپلەنگەن. ھافىز سەئىد ئىلگىرى لەشكىرى تائىبەنىڭ رەھبىرى، دەپ قارىلىپ، تېررورچى شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ قېتىم جامائەت - ئۇد داۋانىڭ رەھبەرلىرىدىن زاكى‏ - ئۇر - راخمان، لاخۋى، ھاجى مۇھەممەت ئەشرەف، مەھمۇد مۇھەممەت ئەھمەد باخازىق قاتارلىق كىشىلەر تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

جامائەت - ئۇد داۋا يېقىندا ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمنى ئۇيۇشتۇرغان، دەپ ئەيىبلەنمەكتە. مومبايدىكى ۋەقەدە ئاز دېگەندە 170 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار ماقۇللىغاندىن كېيىن پاكىستاننىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ئابدۇللا ھۈسەيىن ھارۇن، پاكىستاننىڭ تېررورچى گۇرۇھلارغا قارشى ھەرىكەت باشلايدىغانلىقى، پاكىستان زېمىنىدىكى تەلىم ‏ - تەربىيە لاگىرلىرىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

بۇ قېتىم جامائەت - ئۇد داۋانى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئېلىش قارارى مۇزاكىرىگە قويۇلغاندا، خىتاي قارارغا قارشى چىقمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىلەر بۇ يىل 2 ‏ - ئاي ۋە 6 ‏ - ئايدا ئىككى قېتىم جامائەت - ئۇد داۋانى تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ تەكلىپكە قارشى چىقىپ، بۇ قارارنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللىنىشىنى توسىغان.