ب د ت باش كاتىپى خىتاينى دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشكە چاقىردى

ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كى مۇن جۈمە كۈنى خىتاينى سۈرگۈندىكى تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن داۋاملىق سۆزلىشىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بان كى مۇن جۈمە كۈنى جەنۋەدە مۇخبىرلارغا " مەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى داۋاملىق سۆھبەت يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن " دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكەن ئاي ئېلىپ بېرىلغان ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تىبەت مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن باشلىقى سىتا ئالدىنقى كۈنى ۋاشىنگتوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى دالاي لاما بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخسى مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقىنى، تىبەت مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە ئالىي ئاپتونومىيە تەلىپىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بان كى مۇن سۆھبەتنىڭ " تىبەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ سەمىمىيەتلىك بىلەن ئوڭۇشلۇق ۋە ئىناقلىق ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى"نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ يىل 3 ‏ - ئايدا تىبەت پايتەختى لخاسا يۈز بەرگەن نامايىش ناھايىتى تېزلا ئىسيانغا ئايلىنىپ، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ سىرتىدىكى تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان جايلارغا كېڭەيگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسياننى شەپقەتسىز باستۇرغان ئىدى. ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە 200 دىن ئارتۇق تىبەتلىك ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بان كى مۇننىڭ خىتاينى دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىرغان مەزگىلى خىتاي بىلەن فرانسىيە ئارىسىدا تىبەت مەسىلىسى تۈپەيلى دىپلوماتىك سۈركىلىش پەيدا بولغان مەزگىللەر ئىدى.

خىتاي فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىنىڭ يېقىندا پولشادا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە شىددەتلىك ئىنكاس قايتۇرغان. فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي جۈمە كۈنى برۇسسېلدا خىتاي - فرانسىيە مۇناسۋىتىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىك سەۋەبى قىزىپ كەتكەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت