ب د ت خىتاي ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.16
2008.11.16
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 12 - ئايدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىغا 30 يىل توشىدۇ. ب د ت نىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇ 30 يىل ئىچىدە ھەقىقەتەن زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق باي - كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كۈنسايىن كېڭىيىپ كەتكەنلىكى، ھەممە پۇقرانىڭ ئىسلاھاتتىن ئۈنۈملۈك بەھرىمەن بولالمىغانلىقى، مەجبۇرىي مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە يېزىلار بىلەن شەھەرنىڭ پەرقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەتتا، يەنە باي شەھەرلەردە باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ يېزىلاردىكىگە قارىغاندا 10 ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى مىسال قىلىنغان.
بۇ دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنىڭ بىرىنىڭ" نوپۇس مەسىلىسى" ئىكەنلىكى، نوپۇسنىڭ مىليونلىغان شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغان يېزا پۇقرالىرىنىڭ باشقىلار بىلەن باراۋەر ھالەتتە، ئۆز ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلى، نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەڭ ئارقىدا قالغان رايونى بولۇپ، خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل ناھىيە ۋە يېزىلار تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونغا تارقالغان. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، تارىم - جۇڭغار ۋادىسىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلار خىتاي ئىقتىسادىي ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بايلىق چىقىدىغان جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ كەمبەغەل ئادەملەر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا.









