بېرما ھۆكۈمىتى خۇددى خىتايغا ئوخشاشلا ئاخباراتنى نازارەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاخبارات ساھەسى ھەرقانداق خەۋەر ياكى ماقالىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. بۇ تۈزۈم سەۋەبلىك بېرمىدا مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرى تەرەققىي قىلالمىغان. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىلا ئاخبارات ساھەسىنى مونوپول قىلىپ كەلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، بېرمىدا 2010-يىلدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان دېموكراتىك ئىسلاھاتنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا گەرچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاخباراتنى نازارەت قىلىش ئورگىنىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاخباراتنى نازارەت قىلىدىغان، ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان مۇستەقىل ئورگاننىڭ قانداق تەسىس قىلىنىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن. شۇڭا بېرمىدىكى ئاخباراتچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەم دەپ قاراشماقتا ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ يەنە بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
