بېيجىڭدا نامايىشچىلار يەنە قولغا ئېلىندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.20
2008.11.20
بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جۇ لىنىڭ مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى مەزكۈر نامايىش تۈپەيلى قاتناشنى پۈتۈنلەي قامال قىلغان شۇنىڭدەك نامايىشچىلاردىن خېلى كۆپ كىشىنى قولغا ئالغان.
شۇ كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلغان كىشىلەر، يېرىم يىل ئىلگىرى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئېلان بۆلۈمىنىڭ كىشىلەرنى ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق، ھەر بىر ئادەمدىن نەچچە مىڭ يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقى تۈپەيلى نامايىش ئۆتكۈزگەن. بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ ئەھۋالنى توغرا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغان نامايىشچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
بۇ قېتىم يۈز بەرگەن نامايىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئالدىدا، ئۆي - ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئامما نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قاتناشنى قامال قىلىۋالغان كېيىن،ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.