شەنشى ئۆلكىسىدە بىر بوۋاق خىتاي تېبابەت دورىسىدىن رىئاكسىيەلىنىپ ئۆلگەن

خىتايدا ئىشلەنگەن خىتاي تېبابەت دورىسىدىن رىئاكسىيەلىنىپ بىر بوۋاق ئۆلگەن بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى 19 - ئۆكتەبىر تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ بۇ ھادىسىنى يەرلىك ئەمەلدارلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئۆكتەبىر خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە 9 ئايلىق بىر بوۋاق شاتارى ۋە ئۈچقات قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاجراتمىسىدا ئىشلەنگەن ئوكۇل ئۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆلۈپ قالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە يەنە ئۈچ بوۋاق مەزكۇر ئۆسۈملۈك ئاجراتمىسىدا ئىشلەنگەن ئوكۇلدا زەھەرلىنىپ ئاغرىغان.

مەزكۇر ئوكۇل يىنجىخۇا دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خىتايدا جىگەر ئاغرىقى ۋە بوۋاقلاردىكى بەدەنگە سېرىقلىق چۈشۈش كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا كەڭ ئىشلىتىلىدىكەن.

بۇ خىتايدا مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم يۈز بەرگەن تېبابەت دوللىرى ھادىسىسى بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايدا ئىشلەنگەن ئادەمگىياھ ئوكۇلى ئۈچ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى مەزكۇر دورىلارنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ يىغىۋالغان ئىدى.