بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ۋە چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئاخباراتلار خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سابىق باشلىقى جاڭ ۋېيچىڭنىڭ «جۇڭگو بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئالدىدا» دېگەنلىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلغان ئىدى. بۈگۈن ب ب س خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقىتىشىچە، جاڭ جيەن بۇ بايانلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ «جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق قارار ئېلىنمىدى، جاڭ ۋېىچىڭنىڭ قانداق مەيداندا تۇرۇپ بۇ سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ بۇنداق يېنىكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قارىشىنىڭ ھېچقانداق خەۋەر قىممىتى يوق» دېگەن.
28-نويابىر بىر قىسىم ئاخباراتلاردا جاڭ ۋېيچىڭنىڭ خىتايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە، مەلۇم شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەر-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. جاڭ 2003-يىلى خىتاي نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇدىرى بولغان. 2007-يىلى يەنە قوشۇمچە كومىتېت پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2008-يىلىدىن باشلاپ ئۇ خىتاي سىياسىي كېڭەش نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى.