مىسراتا شەھىرى لىۋىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر شەھەر قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدا ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كازافىينىڭ تانكىلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان مەزكۇر شەھەرنى قورشاپ، ئۇدا بىر نەچچە كۈن توپقا تۇتقان ۋە نەچچە ئون ئادەمنى ئۆلتۈرگەن.
كازافىي نامايىشچى ئاممىغا قورال كۈچى ئىشلەتكەندىن كېيىن، لىۋىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق نامايىشى قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.
كازافىي قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش نامىدا قوزغىلاڭچىلار ئىگىلىگەن شەھەرلەردىكى خەلق ئاممىسىغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيە خەلقنى قوغداش ئۈچۈن كازافىيگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش قارارى ئالغان ئىدى.
كازافىي قىسىملىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش بۈگۈن 4-كۈنىگە قەدەم قويدى.